سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: رۇسىيە ناتو زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ ناتو ئەزالىرىغا تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: رۇسىيە ناتو زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: رۇسىيە ناتو زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوۋال ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ترامپ رۇسىيەنىڭ ناتو زېمىنلىرىغا ھەرقانداق بىر ھۇجۇم قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، موسكۋانىڭ بۇنداق بىر قەدەم باسىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «پۇتىن بىلەن ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردىم. ئۇ ناتو زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «يادرو پىلانى» غا مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يېقىنقى سۆھبەتلەر ھەققىدە توختالغان ترامپ، موسكۋاغا بۇ مەسىلىدە بىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئېمبارگو بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ «ۋەزىيەتكە باغلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، بۇ مۇساپىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا ترامپ، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي بانكىلىرىغا نېمە ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «يۈرگۈزمىگەنلىكىمنى نەدىن بىلىسىز؟ قىلغان ھەربىر ئىشىمنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ئىزدىنىڭ
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىراق: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار 30-سېنتەبىرگىچە تولۇق چېكىنىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈيۈك قايتۇرما ھۇجۇم غەلىبىسىنىڭ 104 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىدى
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى كوچا ناملىرى مىللىيلاشتۇرۇلدى
نېتانياھۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەشىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى
فىرانسىيەدە بەش ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئوغرىلاندى
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ «بەدەخشان خەلق ئەسكەرلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ئەردوغان: ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تىلغا ئېلىنغاندا، بىز ھەرگىز باش ئەگمەيمىز
ئامېرىكا كارىب دېڭىزىدا  زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى گۇماندارى 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
نېتانياھۇنىڭ ئوغلى ئىراننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى تۈپەيلىدىن ميامىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى
رۇسىيەدىكى بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 6 نەپىرى خىتاي پۇقراسى بولۇپ 7 كىشى ئۆلدى