رىزائى ھىزبۇللاھنىڭ لىۋان مەركەزلىك تارقىتىش ئورگىنى «ئەلمەنار» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىملىرى ھەققىدە بايانات بەردى.
ئۇ: «ئەگەر مۇھاسىرە داۋاملاشسا، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە %100 نىسبەتتە، ئىنتايىن شىددەتلىك ۋە كۈچلۈك شەكىلدە زەربە بېرىمىز» دېدى.
ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تولۇق قايتا ئېچىلىشىنى ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ شەرتلىرىنى ئورۇندىشىغا باغلىغان رىزائى، بۇ شەرتلەرنىڭ بېشىدا لىۋان ۋە غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ئاسىيادىكى ئۇرۇشلارنى توختىتىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
«ئىران بىنيامىن نېتانياھۇنى دوزاخقا يوللايدۇ» دېگەن رىزائى، لىۋاندىكى ۋەزىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندا ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.




















