يېڭى سۈرىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى
سۈرىيە ھاۋا قاتنىشى مەسئۇللىرى ھەلەبتىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئۇچۇشلارنى 24 سائەتلىك توختاتقنالىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى
سۈرىيە SDG تېرپرلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى / AA

سۈرىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG) نىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ھەلەب خەلقئارا ئايرودرومىغا كېلىدىغان ۋە ئۇ يەردىن ئايرىلىدىغان ئۇچۇشلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاممىۋى ھاۋا قاتنىشى باش ئىدارىسى يولۇچىلارنىڭ، ئۇچۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋە ئايرودروم مەشغۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئۇچۇشلارنىڭ 24 سائەتلىك جىددىي توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

توختىتىپ تۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە بارلىق قەرەللىك ئۇچۇشلارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ماسلاشقان ھالدا تېخنىكىلىق ۋە بىخەتەرلىك باھالاشلىرى تاماملانغۇچە دەمەشىق خەلقئارا ئايرودرومىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھاۋا قاتنىشى ئىدارىسى بۇ قارارنى «ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدىكى ۋاقىتلىق تەدبىر» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە توختىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا ياكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغاندا ئەھۋالنىڭ يېڭىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يولۇچىلارغا ئەڭ يېڭى ئۇچۇش ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تەۋسىيە قىلىندى.

بۇ توختىتىش قارارى سۈرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى SDG نىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپتە ھەلەبتە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن چىقىرىلغان ئىدى.

رەسمىي باياناتلارغا قارىغاندا، سۈرىيەدە بىر ئەسكەر ۋە  بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي تۆت پۇقرا قازا قىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ئىدى.

سۈرىيە ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى دەپ بېكىتكەن ي پ گ تەشكىلاتى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG) نىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - SDF drone strike kills Syrian soldier, two women in Aleppo
ئىزدىنىڭ
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ