تۈركىيە جان قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپ چىقاردى
تۈركىيە مۇداپىئە شىركەتلىرى تەبىئىي ئاپەتلەردە جان قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ياساپ چىقماقتا.
تۈركىيە جان قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپ چىقاردى
تۈركىيە مۇداپىئە شىركەتلىرى تەبىئىي ئاپەتلەردە جان قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ياساپ چىقماقتا / AA

يېقىندا ۋىيېتنامدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قاپسىلىپ قالغان بىر كىشىنىڭ ئۇچقۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىنىشى، تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يۈك توشۇش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىدىكى ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

قىيىن شارائىتلاردا ئادەم قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تۈركىيە شىركەتلىرى تەبىئىي ئاپەتلەردە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، مەخسۇس جان قۇتقۇزۇش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا.

يېقىندا، ۋىيېتنامنىڭ كۇ جۇت  (Cu Jut) ناھىيەسىدىكى سرېپوك  (Srepok) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلكۈن سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان بىر ئەر، ئۇچقۇ ئارقىلىق بىخەتەر جايغا يۆتكەپ چىقىلدى.

كەلكۈن سۈيى ۋە مۇرەككەپ يەر شارائىتى تۈپەيلىدىن ئەنئەنىۋى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى كارغا كەلمىگەن پەيتتە، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇچقۇ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىنىڭ جان قۇتقۇزغۇچىسىغا ئايلاندى.

100 كىلوگىرام (220 قاداق) يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ ئۇچقۇ، ھېلىقى كىشىنى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بارالايدىغان نۇقتىغا يۆتكىدى، ئەترەت ئەزالىرى ئۇنى سۇدىن بىخەتەر ھالدا چىقىرىۋالدى.

تۈركىيە مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق يۈك توشۇش ئۇچقۇلىرى ئوخشاش تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تاللاشقا ئايلانماقتا.

«Zyrone Dynamics»، «Titra Technology» ۋە «DASAL» غا ئوخشاش ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەر، مۇرەككەپ ئاپەت شارائىتلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا.

«Zyrone Dynamics»  شىركىتىنىڭ «ZD360» تىپلىق يۈك توشۇش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 60 كىلوگىرام (132 قاداق) پايدىلىق يۈك بىلەن 10 كىلومېتىر (6.2 مىل) دائىرىدە ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدىغان يېڭى ئەۋلاد يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىدۇر.

«Zyrone» نىڭ بۇ ئۇچقۇسىغا 100 كىلوگىرام يۈك ئارتىلغاندا، ئۇچۇش مۇساپىسى 1 كىلومېتىر (0.62 مىل) بولىدۇ.

بۇ ئۇچقۇنىڭ ھەجىمى ئوخشاش تۈردىكى سىستېمىلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنى ھەر قانداق قاتناش ۋاسىتىسىدە توشۇش ۋە تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«Titra Technology»  شىركىتىنىڭ «Alpin» ناملىق ئۇچقۇسى بولسا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچارى سۈپىتىدە دىققەت تارتماقتا.

بۇ ئاپپارات يېقىلغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 200 كىلوگرامغىچە (440 قاداق) پايدىلىق يۈك توشۇيالايدۇ.

«Alpin» نىڭ يۇقىرى يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئۇزاققا چىدامچانلىقى، ئۇنى تاغلىق رايونلاردا ياكى كەلكۈن ۋە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇردى.

«DASAL»  شىركىتى «PUHU C75» كە ئوخشاش ھەر خىل يۈك توشۇش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى بازارغا سالدى؛ بۇ ئۇچقۇ 75 كىلوگىرام (165 قاداق) يۈك توشۇيالايدۇ.

«PUHU C75»  ئىلگىرىكى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى پايدىلىق يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكىلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېشىۋاتقان يۈك ۋە مۇساپە ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەردە تۇتقان.

«PUHU C100»  بولسا 100 كىلوگىرام (220 قاداق) پايدىلىق يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، ئۇزاق مۇساپە ۋە يۇقىرى ئۇچۇش سۈرئىتى بىلەن ساھەدىكى ئاساسىي ئەشيا-ماتېرىيال يەتكۈزۈش (لوگىستىكا) ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلغان.

«DASAL»  يەنە 150 كىلوگىرام (330 قاداق) يۈك بىلەن 30 مىنۇت ئۇچالايدىغان «CONDOR-C150» نىمۇ ئىشلەپچىقاردى.

تۈركىيە مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاپتوماتىك ۋە ھۇجۇمغا چىداملىق ئۇچقۇلىرى ھەم ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇش ھاۋا ئاپپاراتلىرى نۆۋەتتە مۇداپىئە ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئاپپاراتلار كەلكۈن، يەر تەۋرەش ۋە دالا ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش جىددىي ئەھۋاللاردا قۇتقۇزۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەتلىرى ئۈچۈنمۇ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سىستېمىلار قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى خەتەرلىك رايونلاردىن يىراق تۇتۇش بىلەن بىرگە، تېز ۋە ئۈنۈملۈك مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنى ۋە ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي زىياننى ئازايتىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى