لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىنت جۇبەيل ناھىيەسىگە قاراشلىق بەراشىت يېزىسىنى زەمبەرەك بىلەن نىشانغا ئالغان، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يېزىغا ھاۋادىن ئاۋاز بومبىسى ئاتقان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىنت جۇبەيلدە پارتلىتىش ھەرىكىتىمۇ ئېلىپ بارغاندىن باشقا يەنە، سەربىن يېزىسىنىمۇ زەمبىرەك بىلەن نىشانغا ئالغان.
ھاداسا يېزىسىنىڭ ھارېس يۆنىلىشىدىكى قىسمىدا بولسا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۆزىتىلدى.
مەرجايۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق تەييىبە يېزىسىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىككى پارتلىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. رايوندا پارتلىتىش ۋە ۋەيران قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۇر ناھىيەسىدىمۇ زەبكىن جىلغىسى ئەتراپى ئىسرائىلىيە زەمبىرەك قىسىمىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولدى، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئاپاراتلار مانسۇرى يېزىسى ئەتراپىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي مەرجايۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق تالۇسە يېىسىغا قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە شىددەتلىك پارتلاش مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تالۇسە يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن شىددەتلىك بىر پارتلاشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، پارتلاشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۆگۈن، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دەير ئەززاھراغا ۋە ئانسار يېزىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 19 كىشى يارالانغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھىزبۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان، رايونغا پۇقرالارنى ھىزبۇللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋانغا 2-مارتتا زىچ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلاپ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزىلارنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا دۆلەتتە ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1 مىلىيوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېيىنچە بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىلغان ئىدى.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىڭ 335 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.




















