تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان، سۈرىيەدىكى فىرات دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان سۇ ئۈستى كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى.
تۈركىيەنىڭ دەمەشق تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇھ يىلماز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدىكى فىرات دەرياسى ئۈستىگە سېلىنغان كۆۋرۈكنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى كۈنى پۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى. باش ئەلچى يىلماز تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا سېلىنغان بۇ كۆۋرۈكنىڭ، كەلكۈن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان كونا كۆۋرۈكنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نۇھ يىلماز يەنە: «تۈركىيە ۋە سۈرىيە قوراللىق كۈچلىرى، تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ كېلەچەكنى بىرلىكتە بەرپا قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھاف ئەبۇ قەسرامۇ بايانات ئېلان قىلىپ، كۆۋرۈكنىڭ دەيرىزوردىكى خەلقنىڭ قاتناش يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە سېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن قېرىندىشىم، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ياشار گۈلەرگە چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»






















