ئىستانبۇلدا باشلانغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ قاتناشماقتا. يىغىندا خەلقئارا خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش (Ar-Ge) ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، كەلگۈسىدىكى ئورتاق پائالىيەتلەرنى باشقۇرىدىغان كاتىبات باشقارمىسى ۋە باشقا مېخانىزملارنىڭ خىزمەت پىلانى بېكىتىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف تەرىپىدىن 7-ئاۋغۇست مەككەدە ئىمزالانغان مەزكۇر «ئورتاق مۇداپىئە ئەھدىنامىسى» رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئاساسەن، تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم بارلىق تەرەپلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەمكارلىق خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ قاتنىشىشىغا ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ.






















