سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايۋاتىمىز، پات ئارىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ»
ترامپ ئىران توغرىسىدا توختىلىپ، يېقىن كەلگۈسىدە «بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.
ترامپ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايۋاتىمىز، پات ئارىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ»
ترامپ ئىراننىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە (2026-يىلى 21-ئۆكتەبىر) كۈنى جەنۇبىي كارولىنادىكى سايلام يىغىلىشىدىن قايتىش يولىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە: «ياق، مېنىڭچە بىز سۆھبەت ئېلىپ بارمايۋاتىمىز. ئۇنداق ياكى بۇنداق، پات يېقىندا بىر ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېدى.

 ئۇ يەنە سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى سايلامدىن كېيىن بولىدۇ دەپ قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر سايلام يىغىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ھازىرلا ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى، بىراق نەتىجىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ت

ئۇ: «پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرلا ئاخىرلشتۇرساق  بولىدۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىراننى ھەربىي ۋە مالىيە جەھەتتىن مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېھراننىڭ «ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى، «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە مۇزاكىرەلەردىن خەۋەردار بولغان باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان، يەنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم پىلانى تۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ بۇ يىل ئۇرۇشنى قايتا باشلاش پىلانلىرىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھۇجۇملارنى تەستىقلايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بىر ئاقساراي ئەمەلدارى «تايمىس» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ «بار ياكى يوق بولۇشى مۇمكىن بولغان» ھەربىي پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى. تېھران بۇنىڭغا جاۋابەن رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشنى باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىران دۇنياۋى ئېنېرگىيە تىرانسپورتىنىڭ تۈگۈن يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغان ئىدى.

ئىيۇن ئېيى (2026) دا پاكىستان بىلەن قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئەسلەتمىسىمۇ، بوغۇزدىكى كېمە قاتنىشى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن شۇ كۈندىن بۇيان توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى.

 

ئىزدىنىڭ
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ياۋروپا ئۇكرائىناغا سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران رىيادنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ترامپتىن زېلېنسكىيغا تەنقىد: پۇتىن بىلەن كېلىشىش تېخىمۇ ئاسان
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن