تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ بىلەن رەسمىي كۆرۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت جەريانى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.


























