ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، Fox News تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشقا قارىتا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىشىگە ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەننىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ.»
ترامپنىڭ تەكىتلىشىچە، تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى، ئەگەر ئۇلاردا يادرو قورالى بولغان بولسا، بۇ قورالنىمۇ ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ ئىسرائىلىيەنى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ كېيىنكى نىشانغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولمىغان بولسام، ئىسرائىلىيە يوقاپ كەتكەن بولاتتى. ئېھتىمال ئوتتۇرا شەرقمۇ ئامان قالمايتتى. ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالى ۋە ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئۈنۈم بەردى. دەرۋەقە، ئىران يىمىرىلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر.»




















