فېستىۋال تۈركىيە پىدائىيلار تەشكىلاتلىرى ۋەقفى (TGTV) تەرىپىدىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى ھەمدە ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
فېستىۋال مەيدانىنى ئايلىنىپ، قاتناشقۇچىلار ۋە بالىلار بىلەن پاراڭلاشقان ئەردوغان، بىر قىسىم پۇقرالار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ۋە بالىلارغا خەجىلىك بەردى.
ئەردوغان پائالىيەتكە دائىر خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئۇنىڭغا مۇپەسسىر ۋە شائىر ئىسمائىل ھاققى بۇرسەۋى قەلەمگە ئالغان «قۇرئان كەرىم» تەپسىرىنى سوۋغا قىلدى.
پائالىيەتكە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باھادىر يەنىشەھىرلىئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوشقۇن يىلماز، ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئۆزدەمىرمۇ قاتناشتى.
26-سېنتەبىردىن بۇيان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە سەھنە بولغان ئائىلە فېستىۋالى ئەتە ئاخىرلىشىدۇ.



























