تۈركىيەنىڭ «نۆل تاشلاندۇق» نىشانى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان «كاپالەت پۇلى بار قاچىلار» (DOA) سىستېمىسىنى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتلىرى تېزلىتىلدى. 9-نويابىردىن 20-نويابىردىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى (COP31) جەريانىدا، زىيارەتچىلەر كۆپ بولىدىغان نۇقتىلارغا كاپالەت پۇلى قايتۇرۇش ماشىنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇل ئەسلىھەسى ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى دۇنياغا نامايەن قىلىنىدۇ.
مەزكۇر سىستېما تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، تۈركىيەدە يىللىق ئىستېمال قىلىنىدىغان 25 مىليارد ئىچىملىك قاچىسىنىڭ 20 مىلياردىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا كىرگۈزۈش نىشان قىلىنماقتا. بۇ پىلان خام ئەشيا ئىمپورتىنى %35 تىن %40 كىچە ئازايتىش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىقتىسادىغا يىللىق تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار تۆھپە قوشىدۇ. تۈركىيە يەرلىك تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ساھەدە دۇنياغا تېخنىكا ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىشنى مەقسەت قىلماقتا.






















