ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە يۇتىيۇب مەزمۇنلىرىنى رۇخسەتسىز ۋە ھەق تۆلىمەستىن، ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گوگۇل شىركىتىنىڭ تاراتقۇلار ۋە باشقا نەشرىياتچىلار تەرىپىدىن توردا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ھەق تۆلىمەستىن سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمەتلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى بېكىتىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا كومىتېتى بۇ تەكشۈرۈشنىڭ، ئامېرىكا تېخنىكا ماگناتىنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا ئادالەتسىز شەرتلەرنى تاڭغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىمتىيازلىق ئېرىشىش ئارقىلىق رىقابەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى تېرېسا رىبېرا (Teresa Ribera) مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت، كۆپ خىل تاراتقۇ، ئۇچۇرغا ئوچۇق ئېرىشىش ۋە جانلىق ئىجادىيەت مۇھىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «سۈنئىي ئەقىل، پۈتكۈل ياۋروپادا كىشىلەرگە ۋە كارخانىلارغا پەۋقۇلئاددە يېڭىلىقلار ۋە نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەرەققىيات جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بەدىلىگە كەلمەسلىكى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەتنى تەرتىپكە سالغۇچى ئورگىنى بولغان كومىتېت، تەكشۈرۈشنىڭ ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈش، گوگۇلنىڭ يۇتىيۇبدىكى سىن ۋە قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپچىقارغان مەزمۇن ئىگىلىرىگە تېگىشلىك ھەقلەرنى تۆلىمەستىن ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى رەت قىلىش ئىمكانىيىتى بەرمەستىن، مەزكۇر سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ.

كومىتېت باياناتىدا: «گوگۇل يۇتىيۇب مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا مەزمۇنلىرى ئۈچۈن ھەق تۆلىمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى يۇتىيۇبغا يوللىشىغا رۇخسەت قىلغىنى بىلەن، گوگۇلنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىنى بەرمەيدۇ» دېيىلدى.

«شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىقابەتچى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئاچقۇچىلىرى يۇتىيۇبنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇتىيۇب مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن چەكلىنىدۇ.»

بۇ تەكشۈرۈش يەنە، شىركەتنىڭ گېزىت تور بەتلىرىگە ئوخشاش باشقا تور مەنبەلىرىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئوخشاشلا ھەق تۆلەش ياكى رەت قىلىش ئىمكانىيىتى بەرمەستىن، ئىجادىي سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ.

تەكشۈرۈش، خۇسۇسەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىزدەش سوئالىغا جاۋابەن كۆرۈنىدىغان سۈنئىي ئەقىل خۇلاسىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان سۆھبەت بوتى (Chatbot) غا ئوخشايدىغان بىر ئىزدەش تاللانمىسى بولغان «AI Mode» غا چېتىلىدۇ.

رىبېرا يەنە: «بىز گوگۇلنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا ئادالەتسىز شەرتلەرنى تاڭغان-تاڭمىغانلىقىنى، رىقابەتچى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئاچقۇچىلىرىنى زىيانلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان-قويمىغانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەت قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈشنى تاماملاش ئۈچۈن بېكىتكەن ئېنىق بىر ئاخىرقى مۇددىتى يوق بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىشى نەتىجىنىڭ ئالدىن بېكىتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمما شىركەتنىڭ ئېغىر جەرىمانىگە دۇچ كېلىش خەۋپى بار.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
«ئامېرىكا ئىراننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان 12 مىليارد دوللارلىق مۈلكىگە ئېرىشىشى توغرىسىدا ۋەدە بەردى»
ۋاشىنگتوندا قەغەز زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ئۆلدى
فىرانسىيە ساقچىلىرى يۈزلەرچە كىشىنى قولغا ئالدى
ھىزبۇللاھنىڭ راكېتا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ھەيران قالدۇردى
«ئىران – ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىن»
«تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قىزىقىدۇ»
رۇسىيە ئەرمېنىيەدىكى باش ئەلچىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا چاقىردى
دائىرىلەر: ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر پورتقا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
كانادا 2025-يىلى ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ھەربىي ئەشيا ئېكىسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن چېكىنىش تەلىپىنى پېنتاگون سۆھبەتلىرىدە رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ئامېرىكا ۋە كۇبا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى گۇانتانامو قولتۇقىدا بىر يەرگە جەم بولدى
رۇسىيە ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى