خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
مالايشىيا ئۇچار دوختۇرلار مۇلازىمەت مەركىزىگە تەۋە بىر تىك ئۇچار ساراۋاكتا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە بىر دوختۇر، بىر ئۇچقۇچى ۋە ئىككى سېستىرانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى / Reuters

مالايشىيا دائىرىلىرى بورنېئو ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىكى ساراۋاك ئىشتاتىدا، ئىچكى قىسىمدىكى چەت بىر ئايرودۇرۇمغا بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاپەت باشقۇرۇش مەسئۇللىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ئۇچار دوختۇرلار مۇلازىمەت مەركىزى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان BO-105 تىپلىق تىك ئۇچار، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مىرى شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 315 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا چۈشۈپ كەتكەن.

مىرى ئاپەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى گالوڭ لۇئاڭ بەرگەن باياناتىدا: «ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئىدارىسى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن دوكلاتلار ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلگىنىدەك، تىك ئۇچاردىكى بەش كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازا قىلغانلار ئارىسىدا بىر ئۇچقۇچى، بىر دوختۇر، بىر سەھىيە ياردەمچىسى ۋە ئىككى سېستىرا بار ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋەقە كۆرۈنۈشلىرىدە، تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشتىن سەل بۇرۇن قويۇق ئىس-تۈتەك چىقارغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

مالايشىيا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مالايشىيالىق بىر ئاۋىياتسىيە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

مالايشىيانىڭ ئۇچار دوختۇرلار مۇلازىمىتى، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىكى قويۇق ئورمانلار ۋە مۇرەككەپ يەر شەكلى شارائىتى سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە ھاۋا قاتنىشىغا تايىنىدىغان يەرلىك خەلقلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئادەتتە بىر سەھىيە خادىمى، بىر سەھىيە ياردەمچىسى، سېستىرالار ۋە باشقا سەھىيە خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتلەر، ئايلىق ياكى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان پىلانلىق نۆۋەتلىشىش دائىرىسىدە، تىك ئۇچار ياكى كىچىك ئايروپىلانلار بىلەن يېزىلارغا ۋە ئۇزۇن ئۆيلەرگە (Longhouse) سەپەر قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ten years later: What do we know about Malaysia flight MH370 mystery
ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى
ياپونىيەنىڭ  نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا چېمپىيونى بولغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى