تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، ئاساسلىق مەشىق باسقۇچىنى ئۆتكۈزىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىغا يېتىپ باردى.
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى

مىيامىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا ئەزالىرى ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدىكى فىنكىس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

دۆلەتلىك كوماندا ئەزالىرى ئاپتوبۇس بىلەن ئارىزوناغا قاراشلىق مېسا شەھىرىدىكى ئۆزلىرى ئورۇنلىشىدىغان مېھمانسارايغا يۆتكەلدى. ئۆمەك ئەزالىرىنى مېھمانساراي ئالدىدا تۈركىيە پۇقرالىرى بايراقلار ۋە شوئارلار بىلەن قىزغىن قارشى ئالدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، 14-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە «BC Place Vancouver» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاۋسترالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى