تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇرھانەتتىن دۇران ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جابباروۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 2026-يىلى 31-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بىشكەكتە زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىسىمىز 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى كېڭەيتىلگەن فورماتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ ۋە رەھبەرلەر بىلەن ئۆزئارا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.»






















