ھاماستىن بىر مەنبە: «ھاماس سىياسىي بىيوروسى رەئىسى خېلىل ئەلھەييە باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەت، مىسىرلىق مەسئۇللار بىلەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ كېچىدە قاھىرەگە يېتىپ بارىدۇ» دېدى.
بۇ ھەييەنىڭ ھاماسنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن مىسىرغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەنبە، ھەيئەتنىڭ مىسىر ئستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى باش بىرىگادا كوماندىرى ھەسەن رەشاد بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى كۈنتەرتىپى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دائىمىيلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان مۇزاكىرىلەر بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەيئەتتە ھەييەدىن باشقا ھاماس شۇرا كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش، ھاماسنىڭ چەت ئەل مەسئۇلى خالىد مەشئەل، غەربىي قىرغاق مەسئۇلى زاھىر جاببارىن بىلەن ئەرەب ۋە ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى ئىدارىسى مەسئۇلى باسىم نەئىممۇ ئورۇن ئالماقتا.
















