يېڭى سۈرىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيەدە خارابىلىك ئاستىدىن 1500 يىللىق قەدىمىي قەبرىلەر تېپىلدى
مەئەررەت ئەننۇمانغا تەۋە ۋەيران بولغان بازاردا قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى باشلانغان بولۇپ، تاسادىپىي بايقالغان يەر ئاستى بىزانس قەبرىستانلىقى سۈرىيەنىڭ قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنىڭ يوشۇرۇن بىر قاتلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
سۈرىيەدە خارابىلىك ئاستىدىن 1500 يىللىق قەدىمىي قەبرىلەر تېپىلدى
سۈرىيەدە خارابىلىك ئاستىدىن 1500 يىللىق قەدىمىي قەبرىلەر تېپىلدى / AP

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋەيران بولغان بىر ئۆينىڭ خارابىلىكىنى تازىلاش ئۈچۈن قېزىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ھۆددىگەر، 1500 يىلدىن كونا دەپ قارالغان يەر ئاستى بىزانس قەبرەىستانلىقىنى ئۇچراتتى.

بۇ بايقاش ئۆتكەن ئايدا ھەلەب بىلەن شام شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك لىنىيەگە جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەئەررەت ئەننۇمان بازىرىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ مەھەللە، دېكابىردا سابىق دۆلەت باشلىقى بەششار ئەسەدنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان تەخمىنەن 14 يىللىق سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن بۇيانقى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.

ئەسەد كۈچلىرى 2020-يىلى ئۆيلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ۋە چېقىپ، بۇ رايوننى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىن قايتۇرۇۋالغان ئىدى. رايوننىڭ ھاۋادىن تارتىلغان سۈرەتلىرىدە، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ تېخىچە تۇرغانلىقى، ئەمما ئۆگزىلىرىنىڭ يوقلۇقى كۆرۈنىدۇ.

ھازىر، رايون ئاھالىلىرى قايتىپ كېلىشكە باشلىغان ۋە قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا، بىر قۇرۇلۇش جەريانىدا، قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدىغان تاش ئېغىزلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

رايون ئاھالىلىرى ئەھۋالنى قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلدى، ئىدارە بولسا بۇ يەرنى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى.

ئۇرۇشتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان نۇرغۇن خىش بىنالار تىزىلغان بىر ئولتۇراق رايونى بولۇپ، بۇ بىنالارنىڭ بىرىنىڭ يېنىدىكى بىر ئورەك ئالتە تاش قەبرە جايلاشقان ئىككى ئايرىم قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىدىغانلىقى كۆرۈلدى. تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرىنىڭ چوققىسىغا كرېست بەلگىسى ئويۇلغان ئىدى.

ئىدلىب قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ھەسەن ئەل ئىسمائىل: «كرېستنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ۋە بايقالغان ساپال ۋە ئەينەك پارچىلىرىغا ئاساسەن، بۇ قەبرىنىڭ بىزانس دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز» دېدى.  ئۇ بۇ بايقاشنىڭ، رايوندىكى ئاللىبۇرۇن مول بولغان ئارخېئولوگىيەلىك جايلار توپلىمىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك جايلار

ئىسمائىل ئىدلىبنىڭ «سۈرىيە يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، 800 ئارخېئولوگىيەلىك جاي ۋە بىر قەدىمكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

مىلادىيە 4 - ئەسىردە باشلانغان بىزانس ئىمپېرىيەسى، بۈگۈنكى ئىستانبۇلنى پايتەخت قىلغان ۋە خىرىستىيان دىنىنى رەسمىي دىن دەپ قوبۇل قىلغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ داۋامى ئىدى.

«ئۆلۈك شەھەرلەر» دەپمۇ ئاتالغان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاشلىق چوقىلار ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە تارقالغان، تاشلىۋېتىلگەن بىزانس دەۋرىدىكى ئولتۇراق جايلار، تاش ئۆيلەر، بازىلىكالار، قەبرىلەر ۋە تۈۋرۈكلۈك كوچىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاك تېشى قۇرۇلمىلىرى بىلەن دىققەتلەرنى تارتىدۇ.

مەئەررەت ئەننۇمان ئاھالىسى ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا گۇۋاھ بولغان غىياس شەيخ دىيابنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتمۈشتە بەزى مۈلۈك ئىگىلىرى ئارخېئولوگىيەلىك قالدۇقلار تېپىلغاندا، يەرلىرىنىڭ قوغداش مەقسىتىدە دۆلەت مۈلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ قالدۇقلارنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

ئۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللاردا مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئادىل تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆيلىرى چېقىلغان رايونغا قايتىپ كەلگەن ئۆي-ماكانسىز قالغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇرۇش يىللىرى پەقەت بومباردىمان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇلاڭ-تالاڭ ۋە رۇخسەتسىز قېزىشلار بىلەنمۇ سۈرىيەنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك جايلىرىغا زور زىيان سالدى.

بەزىلەر بۇ قالدۇقلاردا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئۈچۈن بىر ئۈمىد نۇرىنى كۆرىدۇ. يەنە بىر رايون ئاھالىسى ئابىد جافەر ئوغلى بىلەن بىللە يېڭىدىن بايقالغان قەبرىلەرنى كۆرۈش ۋە سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن كەلدى.

ئۇ: «ئىلگىرى نۇرغۇن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر پەقەت مۇشۇ قالدۇقلارنى كۆرۈش ئۈچۈنلا مەئەررەتكە كېلەتتى» دېدى.

ئۇ يەنە: «قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغدىشىمىز، ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز ۋە ئۇلارنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرۇشىمىزكېرەك... بۇمۇ ساياھەتچىلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى
سۈرىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ قويۇپ بەرگەن 81 نەپەر دائىش مەھبۇسىنى قايتىدىن تۇتتى
سۈرىيە ئۇرۇش توختىتىشنى ھاياتىي بىر قەدەم سۈپىتىدە قارشى ئالدى
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى
سۈرىيە يېڭى يىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان دائېش تېررورلۇق پىلانىنى توسۇپ قالدى
سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى  قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
شارا ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ باردى
پۇتىن بىلەن شارا موسكۋادا كۆرۈشتى؛ ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيمەكتە
سۈرىيە دەمەشق يېزىلىرىدىكى دائېش تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يوقاتتى
شارا سۈرىيەنىڭ پ ك ك/ ي پ گ پوزىتسىيەسىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى
سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پ ك ك / ي پ گ نى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى
فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىس باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەزاسى لاھبىب بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى