خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋن: «ئىسرائىلىيە لىۋاندىن چېكىنمەي تۇرۇپ يېڭى سۆھبەت بولمايدۇ» دېدى
بېيرۇت ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ لىۋان زېمىنىنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، سۆھبەتلەر ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈلگەن ھالدا، جەنۇبتىكى قايتا قۇرۇلۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.
ئاۋن: «ئىسرائىلىيە لىۋاندىن چېكىنمەي تۇرۇپ يېڭى سۆھبەت بولمايدۇ» دېدى
ئاۋن: «ئىسرائىلىيە لىۋاندىن چېكىنمەي تۇرۇپ يېڭى سۆھبەت بولمايدۇ» دېدى

بېيرۇت دائىرىلىرى، سۆھبەتلەر كېچىكتۈرۈلگەن ۋە جەنۇبتا قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ لىۋان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لىۋان پىرېزىدېنتى جوسېف ئاۋن شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن نۆۋەتتە «ھېچقانداق يېڭى بىر سۆھبەت يوقلۇقىنى» بىلدۈرۈپ، بېيرۇتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىنىشى، ئەسىرلەر بىلەن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان رايونلارنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى تەكرارلىدى.

ئاۋن ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى رودولف ھايكال ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبتىكى ناباتىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا: «ھازىرچە ئىسرائىلىيە بىلەن يېڭى بىر سۆھبەت يوق» دېدى.

بىر ئامېرىكالىق ئەمەلدار جۈمە كۈنى «Axios» خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا، كېلەر ھەپتە رىمدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان كېيىنكى نۆۋەتلىك ئىسرائىلىيە-لىۋان سۆھبەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇچرىشىپ ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى ۋە ئىيۇن ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان رامكا كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مۇھاكىمە قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel violates US-brokered Lebanon truce thousands of times

بېيرۇت تۈپ تەلەپلىرىنى تەكرارلىدى

دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋن لىۋاننىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «چېكىنىپ چىقىش، ئەسىرلەر ۋە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى شۇنداقلا قايتا قۇرۇش ئىشلىرى بىز ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن مىللىي پىرىنسىپلارىمىزدۇر» دېدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەتلەر ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىدە 14-ئاپرېلدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بىلەن باشلانغان ئىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەتلەردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىنىشى، چېگرا مەسىلىلىرى، ئەسىرلەر ۋە يوقاپ كەتكەن كىشىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە 26-ئىيۇندا ۋاشىنگتوندا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا بىر رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان زېمىنىدىن پەيدىنپەي چېكىنىپ چىقىشىنى ۋە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال قىلغان رايونلارغا لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

«Axios»  تورى باياناتىنى نەقىل قىلغان ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى قېتىملىق رەسمىي سۆھبەتنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا رىمدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UN chief condemns Israeli violations in southern Lebanon

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
دەمەشىق نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيە زېمىنىغا «قانۇنسىز كىرگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى
ئىراننىڭ  ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
فىلىپپىننىڭ پالاۋان دېڭىز ساھىللىرىدا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 5 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 61 گە يەتتى
«GITEX سۈنئىي ئەقىل تۈركىيە» پائالىيىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاققا باستۇرۇپ كىرىپ 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى