خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال-مايور ئەلى ئابدۇللاھى ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، دۈشمەننىڭ «خاتا ھېسابلىرى» ۋە يېڭى تەھدىتلىرىگە قارشى ئېزىپ تاشلىغۇچى ۋە «ۋەيران قىلغۇچ» زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىران باش شتاب باشلىقى: «دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە قاخشاتقۇچى جاۋاب قايتۇرىمىز»

ئىران باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال-مايور ئەلى ئابدۇللاھى «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ئۇ تېلېگراممىسىدا، دۈشمەننىڭ «خاتا ھېسابلىرى» ۋە يېڭى تەھدىتلىرىگە قارشى «ۋەيران قىلغۇچ» زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى «مىللىي كۈچ-قۇدرەت»نىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر تۈۋرۈكى دەپ سۈپەتلىگەن ئابدۇللاھى مۇنداق دېدى: «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىراننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىززىتىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردا مەزكۇر مىنىستىرلىقتا ھەربىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىشتىن ھالقىپ بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلار دەل قورقۇتۇش ۋە چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىنقىلابىدۇر.»

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان تەھدىتلىرى ئۈستىدە توختالغان ئابدۇللاھى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىران قوراللىق قىسىملىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، مۇداپىئە، ئالەم بوشلۇقى ۋە سىبەر (تور) بوشلۇقى قاتارلىق بارلىق ساھەلەردىكى ئومۇميۈزلۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە زامانىۋى تەييارلىقلىرى ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ ھەر قانداق خاتا ھېسابىغا، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى ۋە يېڭى تەھدىتلىرىگە قارىتا ئىنقىلابىي، ئىزىپ تاشلىغۇچى، پۇشايمان قىلدۇرغۇچى ۋە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
پەزەشكىيان: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
بىرازىلىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىرنى قاتتىق ئەيىبل
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ خېرسوندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى