جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تېررورلۇق تەشكىلاتى (پ ك ك) نىڭ بارلىق ئۇنسۇرلىرى قورال تاشلىشى، قانۇنسىز قۇرۇلمىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە بۇ جەرياننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەك» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادا نەشر قىلىنىدىغان «نىيۇسۋىك» ژۇرنىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان، بايلىقلارنى خورىتىۋاتقان، تۈركىيە ۋە رايوننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا توسالغۇ بولۇۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن مەڭگۈلۈك چىقىرىپ تاشلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، يەنە مۇنداق دېدى:
«تارقىتىۋېتىش ۋە قورال تاشلاش يۆنىلىشىدە پ ك ك نىڭ ئالغان قارارلىرىنى بۇ نۇقتىدىن مۇھىم بىر باسقۇچ دەپ قارايمىز، ئەمما ئاساسلىق بولغىنى، ئېلىنغان قارارلارنىڭ مەيداندا كەم-كۈتسىز ئىجرا قىلىنىشىدۇر. تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن قورال تاشلىشى، قانۇنسىز قۇرۇلمىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە بۇ جەرياننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئوخشاش كۆز قاراش بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۇ يەردىكى بارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ مەركىزىي دۆلەت قۇرۇلمىسى ئاستىدا بىرلىشىشى، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ، زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى نۇقتىسىدىن زۆرۈردۇر. بۇ جەرياننىڭ باراۋەر پۇقرالىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىنى، كۈرتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ پاراۋان ھېس قىلىدىغان بىر تۈزۈمنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. سۈرىيەنىڭ بىرلىكى كۈچەيگەنسېرى، رايونىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمۇ كۈچىيىدۇ.»
«تۈركىيەنىڭ ئۆلچىمى مىللىي كىملىك ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە مىللىي خەۋپسىزلىكىمىزگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «كۈرتلەر، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. مىڭ يىلدىن بۇيان بىللە، ئارىلىشىپ ياشاۋاتىمىز. خۇشاللىقىمىزمۇ بىر. ھەر دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتىمەن: كۈرتلەر، ئەرەبلەر ۋە تۈركلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گۆش بىلەن تىرناقتەك بىز. كۈرت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى، خەۋپسىزلىكىنى ۋە پاراۋانلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياكى سىرتقى كۈچلەرنىڭ ھېساب-پىلانلىرىدىن ئايرىم تۇتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئۆلچىمى مىللىي كىملىك ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە مىللىي خەۋپسىزلىكىمىزگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر. رايونىمىزدا ھېچقانداق بىر خەلق توپىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋاكالەت ئۇرۇشلىرىدا ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»


























