ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، فىرونت لىنىيەسىدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر رۇسىيە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان رۇسىيەنىڭ «Tu-95MS » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رۇسىيەنىڭ ياروسلاۋىل رايونىدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىغان زېلېنسكىي: «ئارىلىق فىرونت لىنىيەسىدىن 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ. رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزدىكى ئۇرۇشىغا قارىتا بىزنىڭمۇ ھەققانىي جاۋابلىرىمىز بولدى» دېدى.
زېلېنسكىي يەنە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنگېلس شەھىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان «Tu-95MS » تىپلىق ئايروپىلانىغىمۇ زەربە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلار ئۇكرائىناغا قارشى ھۇجۇملارنى تەشكىللەيدىغان ئايروپىلانلار. بارلىق جەڭچىلىرىمىزنىڭ مەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا بېرىلگەن بىر جاۋاب. رۇسلار ئۆزلىرى قوزغىغان ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك» دېدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ «FP-1 » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن «سلاۋنېفت - يانوس» (Slavneft-YaNOS) نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىللىق تەخمىنەن 15 مىليون توننا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ ئەسلىھەدە بېنزىن، دىزېل، ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى ۋە باشقا نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.




















