پاكىستاندا بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 30 كىشى يارىلاندى.
«Dawn» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پېشاۋەر شەھىرىگە كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزى، مۇلتان رايونىدىكى ۋوگزالغا يېقىن بىر جايدا تېخى ئېنىقلانمىغان بىر سەۋەب بىلەن رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.
پاكىستان تۆمۈر يوللىرى باياناتچىسى گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەدە 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
پويىز كاپاتانى رىزۋان ئابباس بولسا، يولۇچىلار پويىزىنىڭ سائىتىگە 100 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«Geo News» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 13 ۋاگوندىكى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەنلىكىنى، بىر ۋاگوندا بولسا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ يارىلانغان يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش ۋە يارىدارلارغا ۋاقىتنى قولدىن بەرمەستىن زۆرۈر تېببىي مۇداخىلە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.
مەملىكەتتە يېقىنقى بىر يىلدا يۈز بەرگەن بىر قاتار پويىز ۋەقەلىرى، پاكىستان تۆمۈر يوللىرىنىڭ پويىز ۋە تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى ئاسراشقا ئائىت سەل قاراشلىرىغا ۋە قۇرۇلمىلىق مەسىلىلىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى ئاشۇرماقتا.


















