خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى سەۋەبىدىن ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىنى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى / Reuters

ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان دۆلەتلەردىن ئايروپىلان خادىملىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش مەسىلىسىدە چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئايروپىلان ئاددىس-ئاباباغا قايتىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچقۇچىلاردىن بىرىنىڭ ھىندونېزىيەلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە تتېل ئاۋىۋ (Tel Aviv) گە كېتىۋاتقان بىر ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىغا قايتىش بۇيرۇقى بەرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇيرۇق بېرىلگەن ۋاقىتتا، ئايروپىلان ئاددىس-ئابابادىن قوزغىلىپ تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەن ھەمدە تېخىچە ئېفىيوپىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئىدى.

12-قانال، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ ئۇچقۇچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى مەسىلىسىنى ئاۋىياتسىيە پورتى دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرۇشى بىلەن بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايروپىلان ئاددىس-ئاباباغا قايتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇچقۇچى ئالماشتۇرۇلدى ۋە ئارقىدىن ئايروپىلان قايتىدىن قوزغىلىپ تېل ئاۋىۋگە قوندى.

خەۋەردە، ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر خاتالىق دەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئۇچقۇچىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىنىدىغان ئۇچۇشلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

12-قانال يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان مەلۇم دۆلەتلەردىن كەلگەن خادىملارنى مەزكۇر دۆلەتكە قىلىنىدىغان ئۇچۇشلاردا ۋەزىپىگە قويماسلىقى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر چەكلىمىلەر ئافغانىستان، ئالجىرىيە، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، نىگېر، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سومالى ۋە ۋېنېسۇئېلا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېفىيوپىيە ياكى ھىندونېزىيە دائىرىلىرىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مەزكۇر خەۋەر، 30-سېنتەبىردە دۇبەيدىن تېل ئاۋىۋگە كېتىۋاتقان بىر «Flydubai» ئايروپىلانىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايروپىلان بۇلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئارقىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەپتىش ئەمەلدارلىرى، ئومانلىق بىر ياردەمچى ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، بېن گۇرىيون  ئايرودورۇمىغا چۈشۈرۈپ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى بۇ ئۇرۇنۇشنى توسۇپ قالغان ۋە ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەبۈك شەھىرىگە بىخەتەر ھالدا قونغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - How Netanyahu is using the near-tragic flydubai incident as an election issue
ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى