ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا سەككىز كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەسكەر ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تەۋسىيە
ساقچىلار لىۋان چېگراسىغا يېقىن نېئوت موردېچاي ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پارتلاشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك سەھىيە ئورگىنىغا تتەۋە سەھىيە ئەترەتلىرىنىڭ «ئېغىر ياكى ئوتتۇراھال دەرىجىدە يارىلانغان سەككىز كىشىگە ۋە يېنىك يارىلانغان باشقا بەزى كىشىلەرگە» داۋالاش جەھەتتىن دەسلەپكى ياردەمنى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى پارتلاشنىڭ پارتلىماي قالغان بىر ئوق-دورىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.


















