ئاۋىستىرالىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى «Qantas» نىڭ بوئېڭ 787 درىملىنېر (Boeing 787 Dreamliner) تىپلىق ئايروپىلانى، قاندالا (چۇسا) بېسىۋېلىش سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئۇچۇشتىن توختىتىلدى.
«سىدنېي سەھەر خەۋەرلىرى گېزىتى» (Sydney Morning Herald) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى پېرتتىن رىمغا تەخمىنەن 17 سائەت داۋاملاشقان ئۇچۇشتا بەزى يولۇچىلار قاندالا (چۇسا) تەرىپىدىن چېقىۋېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
يولۇچىلارغا قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن دورا بېرىلگەنلىكى، ئەمما دورىلارنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەزكۇر شىركەت شەنبە كۈنى ئۇچۇشى پىلانلانغان رىم-پېرت سەپىرىنىڭ، ئادەتتىكى بۆلۈمدىكى بەزى ئورۇندۇقلاردا مەسىلە بايقالغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئايروپىلان ئەتراپلىق تازىلاش ۋە ئاسراش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەتتىن توختىتىلدى.
«Qantas» شىركىتى يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراپ، تەسىرگە ئۇچرىغان يولۇچىلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە 48 سائەت ئىچىدە باشقا ئۇچۇشلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاندالا (چۇسا) قاتناش ساھەسىنى ئاقساتماقتا
كىچىك ۋە قانىتى يوق پارازىتلاردىن بولغان قاندالا (چۇسا) لار كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازلىرى ۋە ياتاق بۇيۇملىرىدا ياشىيالايدۇ. ئۇلارنىڭ چېقىشى قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى بىلەن ئادەتتە تېخىمۇ ئېغىر سەھىيە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. لېكىن بۇ ھاشاراتلاردىن قۇتۇلۇش تەس بولۇشى مۇمكىن.
قاندالا (چۇسا) لار قاتناش ساھەسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەنگلىيەدە ئىككى ھەپە ئىلگىرى بەزى پويىز سەپەرلىرى، شوپۇرلار بۆلۈمىدە قاندالا (چۇسا) بايقىلىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.


















