پاشىنيان ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئەرمېنىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاشىنيان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە قىسقا بىر ۋىدېيو ئورتاقلاشتى.
ئەنقەرە (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) — ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش ۋە تەستىقلاش مۇساپىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئەرمېنىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پاشىنيان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش ۋە تەستىقلاش مۇساپىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى.
باش مىنىستىر پاشىنيان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ئەمەلگە ئاشقاندا، ئەرمېنىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۇلىنى سالغانلىقىمىزنى خاتىرىلەپ قويالايمىز» دېدى.


















