ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا خىتاي ۋە رۇسىيە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ ئۆزى «ئەسەبىي سولچىلار» دەپ ئاتىغان كىشىلەرنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدە. ئەمما ئۇلارنى ياردەم بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.
ترامپ خىتاي ۋە رۇسىيەنى كۆزدە تۇتۇپ: «ئۇلارنىڭ يوقىتىدىغان نەرسىلىرى كۆپ. بىزمۇ بۇنى بىلىپ قالىمىز، ھەم ناھايىتى تېز بىلىپ قالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
























