خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) يەرشارىۋى جىددىيچىلىكلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى %4.5 كە چۈشۈردى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى / Reuters

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)  نىڭ خىتاينىڭ ئېشىش نىسبىتىگە قاراتقان مۆلچەرى، ئىمپورت، نېفىت ۋە مېتاللارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ۋە سۇسلىغان ئىچكى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى 4.5% كە چۈشۈردى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى «دۇنيا ئىقتىسادىي مەنزىرىسى» دوكلاتىدا تەپسىلاتىغا ئورۇن بېرىلگەن بۇ تۈزىتىلگەن مۆلچەر، ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئىلگىرىكى مۆلچەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا 0.1 پوئىنتلىق بىر تۆۋەنلەشنى ئىپادىلەيدۇ.

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى ئېشىشنىڭ 2027-يىلى تېخىمۇ ئاستىلاپ، 4.0% سەۋىيەسىگە چېكىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇمۇ يەنە 0.1 پوئىنتلىق بىر تۆۋەنلەشتىن دېرەك بېرىدۇ.

دوكلاتتا: «ئۆرلىگەن يەرشارىۋى نېفىت باھالىرىنىڭ، داۋاملىشىۋاتقان ئېنىقسىزلىق ۋە قۇرۇلمىلىق قىيىنچىلىقلار بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئۈستىدە بېسىم شەكىللەندۈرۈشى كۈتۈلمەكتە» دېيىلىش بىلەن بىرگە، نىشانلىق «سىياسەت جەھەتتىكى قوللاشنىڭ تېخىمۇ كېسكىن بىر ئاستىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى» مۇ بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر مۆلچەر بېيجىڭنىڭ 4.5% تىن پىرسەنت 5.0% كىچە بولغان رەسمىي ئېشىش نىشانى ئارىلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدە ئورۇن ئالماقتا.

خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستىلاش، ئىچكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە داۋاملىق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋال چىداملىق سانائەت ئېكسپورتىغا ۋە سۈنئىي ئەقىل ھەمدە ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېڭىيىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە قارىماي، پارچە سېتىش پائالىيەتلىرىنى بېسىم ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى