سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛ زېلېنىسكىي بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ يېڭى خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، كرېمىلمۇ ھازىرغىچە كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى دەلىللىمىدى.
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ سۈرەت 2026-يىلى 21-ماي موسكۋا شەھەر مەركىزىدە تارتىلغان كىرېمىل مەنزىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. (سۈرەت / AFP)

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كىيېۋ ھۆكۈمىتى رۇسىيەمۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملارنى توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا: «ئالاقىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. دەيدىغان سۆزىمىز بولغاندا، سىلەرگە چوقۇم خەۋەر بېرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

BBC  نىڭ رۇسىيە ئىشلىرى مۇھەررىرى ستىۋ روزېنبېرگنىڭ قارىشىچە، موسكۋا بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەرىكەت ئىمكانىيىتىنى چەكلەپ، رۇسىيەگە ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىماقتا.

موسكۋا كېلىشىمنى ئۆزىگە پايدىلىق دەپ قارىماقتا

كرېمىلغا يېقىن رۇسىيە تاراتقۇلىرى ترامپنىڭ باياناتىغا موسكۋاغا قىلىنغان بىر «سوۋغا» دەپ باھا بەردى. ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان «موسكوۋسكى كومسومولېتس» گېزىتى كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە ئەۋزەللىك يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېزىتنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشى بەدىلىگە، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى مۇمكىن. گېزىت بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر تەرەپكىلا پايدىلىق كېلىشىمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى ئايلاردا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرى ئېغىر زىيان ۋە دۆلەت مىقياسىدا يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك پەيدا قىلدى.

ئۇكرائىنا بۇ ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرسا، موسكۋانىڭ كىيېۋنى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رۇسىيە ئەمەلدارلىرى يەنە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدىن دىزېل يېقىلغۇسى ئىمپورت قىلىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.

ترامپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىمپورت مىقدارىنىڭ يېقىلغۇ باھاسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشكە يېتىدىغان-يەتمەيدىغانلىقىغا دائىر گۇمانلار بار.

كرېمىل ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ ئازىيىشىنى خالايدۇ

روزېنبېرگنىڭ باھالىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋاشىنگتوننىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئامېرىكانىڭ كىيېۋغا بېرىۋاتقان ياردىمى ئازايغان تەقدىردە، كرېمىل بۇنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ.

موسكۋا ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىشنى توختىتىشىنى ھەمدە كىيېۋغا ئەۋەتىلىدىغان قوراللارنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىشنى ئۈزۈشىنى خالايدۇ.

ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىي ھەققىدە: «مېنىڭچە، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر پىرېزىدېنت سايلايدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن سۆزلىرىمۇ كرېمىل تەرىپىدىن ئىجابىي قارشى ئېلىندى.

زېلېنىسكىي ئۇكرائىنادا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، رۇسىيەدىن 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما پېسكوۋ موسكۋانىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كرېمىل دۈشەنبە كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، بىر كۈنلۈك توقۇنۇش توختىتىشنى تەكلىپ قىلدى. بىراق بۇ تەكلىپنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان ئەستايىدىل تەكلىپ دەپ قارىلىشى كۈتۈلمەيدۇ.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلىپ كېلىدىغان «نەپەس ئېلىۋېلىش» پۇرسىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

موسكۋانىڭ نىشانى ئۆزگەرمىدى

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە قىش يېقىنلاشقاندا ئۇكرائىناغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى، كرېمىلنىڭ توقۇنۇشلارنى توختىتىشنى خالىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى كۈچەيتمەكتە.

زېلېنىسكىي دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ كېچە بويى ۋە سەھەر پەيتلىرىدە ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كرېمىلغا يېقىن «موسكوۋسكى كومسومولېتس» گېزىتى بولسا، ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ شەرتلىرى بويىچە تىنچلىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنى «تاش قوراللار دەۋرىگە قايتۇرۇش»قا چاقىردى.

روزېنبېرگنىڭ قارىشىچە، موسكۋانىڭ ئاساسلىق نىشانى — ئۇكرائىنانى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلاش — ئۆزگەرمىگەن. كرېمىل ترامپ بىلەن ھاسىل قىلىنغان دىزېل يېقىلغۇسى كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ زېلېنىسكىيگە بولغان سەۋر-تاقىتىنىڭ بارغانسېرى تۈگەۋاتقانلىقى بۇ نىشانغا يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى