شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۇفان ئەرھۈرمان بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس خىرىستودۇلىدىس بۈگۈن بىتەرەپ رايوندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەرھۈرمان ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدىكى قىبرىس زىيارىتى جەريانىدا تىلغا ئالغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئائىت يەتتە ماددىلىق تەدبىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەرھۈرمان ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەتتە تەدبىرنىڭ ئالتىسىنى ئاللىبۇرۇن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز بۇ يىغىنغا ئەمەلىي نەتىجىنى نىشان قىلغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە قاتنىشىمىز» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس قىبرىس زىيارىتى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا يېڭى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىش؛ مىنا تازىلاش ۋە بىتەرەپ رايوننى مىنالاردىن خالىيلاشتۇرۇش؛ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارىتا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق مېخانىزم ئورنىتىش؛ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە مەسلىھەت بېرىش قۇرۇلمىسىنى تەسىس قىلىش؛ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئوخشىمىغان مىللەتتىن نىكاھلانغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىش.


















