ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئارقىدىنلا، روسىيەنىڭ خاركىۋدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
دۈشەنبە كۈنى ۋارشاۋا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلغان زېلېنسكىي، ئۇكرائىنانىڭ مەزكۇر تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق روسىيەنىڭ بۇنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دائىر تېخىچە بىرەر ئىسپات كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي: «بۇ ئېنېرگىيە ئۇرۇش توختىتىشى كارغا كېلىشى مۇمكىن ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولالايدۇ» دېدى ھەمدە كىيېۋنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ئائىت تەپسىلاتلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما تەپسىلات بەرمىگەن ئىدى.
كرېمىل دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ھەرقانداق بىر كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈرمىدى.
باياناتچى دىمىترى پېسكوف ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە موسكۋانىڭ تەرەققىياتلارنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زېلېنسكىي بولسا: «ئەگەر روسىيەمۇ ئوخشاش شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار بولسا، بىز ئېنېرگىيە ئۇرۇش توختىتىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.
روسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشسا ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى: «ئەگەر روسىيە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتىلغان يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىشىمىزنى ئارزۇ قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزىمۇ بىزنىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىمىزغا ۋە ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈشتىن توختىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
زېلېنسكىي موسكۋانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا چاقىرىق قىلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىدى:
«روسىيە ئۈستىدىن ئامېرىكا بېسىمىغا ئېھتىياجىمىز بار. ئېمبارگولارنىڭ يېنىكلىتىلىشىگە ياكى مۇرەسسە قىلىشقا ئەمەس، ھەقىقىي بىر بېسىمغا... شۇنداق قىلغاندا ئاز دېگەندىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى تۈنۈگۈن تىلغا ئالغان مەسىلىنى، يەنى ئېنېرگىيە ئۇرۇش توختىتىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز.» دېدى.


















