خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پاكىستاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى.
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى ئىسلامئابادتا پاكىستانلىق كەسپىدىشى ئىسھاق دار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ زىيارەت 2024-يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئىجادىي» بىر يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يىغىندا پاكىستان بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەرەپلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

مىنىستىر شەيبانىنىڭ زىيارەت جەريانىدا يەنە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى زىيارەت 2007-يىلى ۋەلىد ئەلمۇئەللىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

پاكىستان بىلەن سۈرىيە ئونلىغان يىللاردىن بۇيان ھەربىي ھەمكارلىق ۋە تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى ئارقىلىق قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ پاكىستاننىڭ دەمەشقتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئوچۇق قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۆتكەن ئىككى يىلدا چەكلىك سەۋىيەدە داۋاملاشقان ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 1949-يىلى دېكابىردا باشلانغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
پەزەشكىيان: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا كانچىلىق ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
بىرازىلىيەدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىرنى قاتتىق ئەيىبل
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكايىچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ خېرسوندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى