تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئورنىنىڭ ب د ت مۇنبىرى ئەمەس بەلكى سوت مەھكىمىسى زاللىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك مۇسىياد خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى ۋە 29-نۆۋەتلىك خەلقئارا سودا مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئورنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرى ئەمەس، بەلكى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ، تۆككەن قانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان سوت مەھكىمىسى زاللىرىدۇر. ئىنشائاللاھ ئۇ كۈنلەرمۇ چوقۇم كېلىدۇ» دېدى.
ئەردوغان: «ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلار ئادالەت ئالدىدا ھېساب بەرمىسە، ئەگەر بۇلاردىن قانۇن ئالدىدا، تارىخ ئالدىدا ھېساب ئېلىنمىسا، ئوخشاش ۋەھشىيلىك قايتا يۈز بېرىدۇ، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئوخشاش ئىنسانىي تىراگېدىيەگە بالىلىرىمىزمۇ دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
پەلەستىنلىكلەرگە بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئەردوغان: «پەلەستىن خەلقى يالغۇز ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئىگىسىز ئەمەس. غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز ھەق ۋە ئادالەت ئىزدەش مۇساپىسىدە تەنھا ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
جۇمھۇر رەئىس: «كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەقىقەتلەرنى ئاڭلىتىشقا، مەزلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ئىنشائاللاھ داۋاملىق تىرىشىمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئەردوغان نېتانياھۇنىڭ نۇتۇقى باشلانغاندا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى زالىدىن چىقىپ كەتكەنلەرنى تەقدىرلىدى.
ئۇ: «ئىنسانىيەت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئومۇمىي كېڭەش، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تېگىشلىك جاۋابنى بەردى» دېدى.
ئەردوغان يەنە رايوننىڭ «پۈتۈنلەي بىر كىرىزىس بورىنى» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، يەرشارى سىستېمىسىنىڭ بولسا «قانۇنلۇق بولۇش، ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئادالەت» مەسىلىلىرىدە قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىقتىساد مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئاخىرقى 24 پەسىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 16-، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتىنچى ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېكسپورتچى تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سانىنىڭ 2002-يىلىدىكى 33 مىڭدىن 2025-يىلى 168 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 20 كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يېڭى ئوتتۇرا مەزگىللىك پىروگرامما بىلەن سىجىل ۋە تەڭپۇڭ ئېشىش نىشانلىرى يۆنىلىشىدە قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.





















