ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بىرسى ئەزەربەيجان پۇقراسى بولۇپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېخىمۇ شەرقتىكى خاركىۋ رايونىدا بولسا توققۇز كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 28 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رايونلۇق ۋالىي ئالېكساندىر گۇسېۋ، ئۇكرائىناغا ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ روسىيەنىڭ ۋورونېژ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
گۇسېۋ: «كېچە ۋە ئەتىگەن سائەتلەردە رايون ئاسمىنىدا تەخمىنەن 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىر تەرەپ قىلىندى. بىر ئايال ئوتتۇرا دەرىجىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى، ئىككى كىچىك بالا ئېغىر يارىلاندى ۋە بىر ياش نەق مەيداندا داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ۋالىينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋورونېژدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىر كەنت ئۆيىگە ۋە ئۈچ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىنالار ۋە ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى بىلەن ئۆگزىلىرىمۇ ۋەيران بولغان.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بىر باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەشيا ئوبوروتى، ئالاقە ۋە پورت ئەسلىھەلىرىدىن سىرت، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىغا ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن كېمىلەرنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
مىنىستىرلىق يەنە، نىشانلار ئارىسىدا كىيېۋدىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە يېقىلغۇ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن رايوندىكى ۋاسىلكىۋ ھەربىي ئايرودۇرۇمىغە جايلاشقان ئەسلىھەلەرنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
باياناتتا يەنە ئودېسسادىكى بىر ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، ئىزمايىل پورتىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە بىر پاراخوت زاۋۇتى ھەمدە رېمونت قىلىش زاۋۇتىمۇ نىشانلار قاتارىدا سانالدى.
مىنىستىرلىق، ھەربىي ياكى قوش مەقسەتلىك ماتېرىياللارنى توشۇيدىغان ئىككى قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.




















