غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 1500 دىن ئېشىپ كەتتى.
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن پەقەت ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە 3 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 مىڭ 392 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان ئاخىرقى بىر يىلدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 1501 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاخىرقى 24 سائەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلى يەنە 3 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى، 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 1501 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 5 مىڭ 323 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە خارابىلىكلەر ئاستىدا قالغان 838 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان.

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 74 مىڭ 392 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 175 مىڭ 440 قا يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا، خارابىلىكلەر ئاستىدا يەنە مىڭلىغان جەسەتنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى