جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى «Rescue 1122»، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېرا ئىسمائىل خاندىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونلىرىغا يېقىن بولغان خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان دېرا ئىسمائىل خان، نۇرغۇن قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نىشان قىلىنغان ئىدى.
رېيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» (TTP) تېررورلۇق تەشكىلاتى شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
AP نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بىر شەخس، يول بويىدىكى بىر ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىدا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان. ئەمما ساقچىلار پارتلاشنىڭ خاراكتېرىنى تېخى ئېنىق بېكىتەلمىگەن.
AFP نىڭ خەۋەر قىلىشىچە تېررورچىلار، پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھەيدەپ بارغان.
«Rescue 1122» نىڭ باياناتىدا، پارتلاشنىڭ ناھىيەنىڭ دارازىندا رايونىدىكى ئامان مېلاغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
مەركەز، دارازىندا پونكىتىدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغانلىقى ۋە يارىلانغانلارغا داۋالاش ياردىمى قىلغاندىن سىرت ئۇلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئىسلامئاباد ئىلگىرىمۇ نەچچە قېتىم ۋاقىتلىق تالىبان ھۆكۈمىتىدىن، تۈرلۈك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» (TTP) تېررورچىلىرىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
پاكىستان ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» تېررورچىلىرىنىڭ ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، كابۇل بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا ۋە ئۆز تېررىتورىيەسىدىن پاكىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى قىسىملارنىڭ چېكىنىشى ۋە تالىباننىڭ ھاكىمىيەتكە قايتىشىدىن بۇيان، «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئاساسەن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر-پاختۇنخۋا رايونىدا كۆپەيدى.
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوھاتتىكى بىر ساقچى ئىدارىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا، 16 سى ساقچى خادىمى بولۇپ ئاز دېگەندە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
پاكىستان پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدىن قوزغىلىپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى بايقاپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى 10 نۇقتىغا ھاۋا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ھۇجۇم ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئالدىن ئېنىقلانغان ھەربىي نىشانلار بىلەنلا چەكلەنگەن بۇ ھەرىكەتنى «ئاڭلىق، ئېنىق، ئۆلچەملىك ۋە مۇۋاپىق» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
پاكىستان، ئافغان تالىبانلىرىنى پاكىستانغا قارىتىلغان دۈشمەنلەرچە پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك، كونكرېت، دەلىللىگىلى بولىدىغان ۋە سىجىل قەدەملەرنى تاشلاش» قا چاقىرماقتا.























