كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ (Kyodo) خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە 5 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان 58 ياشلىق سۇنائو تاكامى (Sunao Takami) ئىسىملىك مەھبۇسقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى دارغا ئسېىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان.
ياپونىيە ئەدلىيە مىنىستىرى خىروشى خىراگۇچى (Hiroshi Hiraguchi) ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دىققەت ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان باھالاشلىرىمدىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بەردىم» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تاكامى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى بىر ئويۇنخانىنىڭ يېرىگە بېنزىن چېچىپ قەستەن ئوت قويغان بولۇپ، بۇ پاجىئەدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە 10 كىشى يارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى 2016-يىلى رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەملىكەت بويىچە 2025-يىلى 6-ئايدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى مەھبۇس بولۇپ قالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، تاكامىنىڭ دارغا ئېسىلىشى نۆۋەتتىكى «ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى (Sanae Takaichi) ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىجرا قىلىنغان تۇنجى ئۆلۈم جازاسى» سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىندى.





















