15 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ياپونىيەگە كىرگەن بىر جەنۇبىي كورېيەلىكنىڭ، ئۇدا 33 يىلدىن بۇيان بۇ دۆلەتتە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىندى.
ياپونىيەنىڭ «The Japan Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىزۇئوكا (Shizuoka) رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرى، 1993-يىلى ئىنىسىنىڭ پاسپورتى ۋە 15 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسى بىلەن دۆلەتكە كىرگەنلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان 72 ياشلىق بىر جەنۇبىي كورېيە پۇقراسىنىڭ، مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا ئاساسەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
قولغا ئېلىنغان كىشى «تېخىمۇ يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت تېپىش ئۈمىدى بىلەن» دۆلەتكە كىرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. مەزكۇر كىشىنىڭ ۋىزا مۇددىتىدىن 26 يىل ئارتۇق تۇرۇۋالغانلىقى (ۋىزا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى قىسمى) بېكىتىلگەن بولۇپ، جازاسىنىڭ شۇنىڭغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقى مەلۇم قىلىندى.
















