ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كازىم غەرىبئابادى رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە: «بىز ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە زۆرۈر كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدۇق» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتىغا سۇنۇپ، رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرىبئابادى كېلىشىمنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتتا تىزىمغا ئېلىنىشىنىڭلا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دەرھال ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، پەقەت ئامېرىكا ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن بوغۇزنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

















