ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىدىكى ئۆيىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان بىر پەلەستىنلىك، داۋالاش ئەترەتلىرىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن قانسىراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك فەتھى ھازىمنىڭ جېنىن شەھەر مەركىزىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن. باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىمغا ئوق چىقارغان. ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ھازىم، ئىسرائىلىيە رايونغا جىددىي ياردەم ماشىنىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قانسىراپ ۋاپات بولغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك بۇ كىشىنىڭ جەسىتىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن.
مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى باشلىغان 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇپ كىرىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلمەكتە.



















