«ئىراننىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ھەرگىزمۇ توختاپ قالغىنى يوق.»
ئىراننىڭ خۇرمۇزگان دېڭىز ئىشلىرى ۋە پورتلار ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد رىزا مۇھەممەد ھۈسەينىتاختى ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن 28-فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇش ۋە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەردىن سىرت، بارغانسېرى كۈچەيتىلگەن ئېمبارگولارغا قارىماي، ئالدىنقى 6 ئاي ئىچىدە دۆلەتتىن 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ «فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇرمۇزگان دېڭىز ئىشلىرى ۋە پورتلار ئىدارىسى باشلىقى ھۈسەينىتاختى نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى توغرىسىدا بايانات بەرگەن.
ھۈسەينىتاختى ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش ۋە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر، شۇنداقلا قويۇقلاشتۇرۇلغان ئېمبارگولارغا قارىماي، دۆلەتنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھورمۇز بوغۇزىغا قوشنا خۇرمۇزگان ۋىلايىتىنىڭ بەندەر ئابباس شەھىرىدىكى شېھىت رەجائى پورتىدىن قىلىنىۋاتقان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھۈسەينىتاختى مۇنداق دېدى:
«(ئىراندا يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلىنىدىغان 21-مارتتىن باشلاپ) 6 ئاي ئىچىدە 325 قېتىملىق پاراخوت پائالىيىتى خاتىرىلەندى ۋە بۇ پائالىيەتلەردە 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىندى.»


















