خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى مارىبتا خۇسىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى
يەمەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مارىب، ئەل جەۋف، تائىز، ئەد دالى ۋە ئەل بەيدا ئۆلكىلىرىدە نەچچە ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خۇسىيلارنىڭ يېڭى ھۇجۇم دولقۇنى قوشۇلدى.
يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى مارىبتا خۇسىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى
يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى مارىبتا خۇسىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى / Reuters

يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى شەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نېفىتكە باي مارىب ئۆلكىسىدە خۇسىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىنى قايتۇرما زەربە بېرىپ چېكىندۈردى.

ھۆكۈمەتكە يېقىن بولغان «West Coast» خەۋەرلەر تورى، ھۇجۇمنىڭ مارىبنىڭ غەربىدىكى ئەل مەشجە ۋە ئەز زۇر رايونلىرىدا چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە باشقا تەپسىلاتلار بېرىلمىدى، ھۆكۈمەت قىسىملىرىمۇ، خۇسىيلارمۇ مەسىلىگە ئالاقىدار دەرھال ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بۇ ئەھۋال، ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا مارىب، ئەل جەۋف، تائىز، ئەد دالى ۋە ئەل بەيدا ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سەپلەردە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى جۈمە كۈنى مارىب چېگراسىدىكى ھەر قايسى سەپلەردە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئەسىرگە چۈشكەن ئونلىغان خۇسىي ئەزاسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سىنلارنى ھەمبەھىرلىدى.

2014-يىلى خۇسىيلار پايتەخت سانا ۋە باشقا نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان يەمەن ئىچكى توقۇنۇشلاغا پاتقان ھالەتتە تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بولسا، 2015-يىلى يەمەننىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە توقۇنۇشلارغا ئارىلاشقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Yemen forms command centre after Houthis breach western front lines
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
دەمەشىق نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيە زېمىنىغا «قانۇنسىز كىرگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى
ئىراننىڭ  ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
فىلىپپىننىڭ پالاۋان دېڭىز ساھىللىرىدا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 5 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 61 گە يەتتى
«GITEX سۈنئىي ئەقىل تۈركىيە» پائالىيىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاققا باستۇرۇپ كىرىپ 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى