بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەخت كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى «قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىدى.
دۇجاررىك ئارقىدىن پايتەخت كىيېۋ ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ ھالەت — ئاھالىلەر رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كەسكىنلىشىشىدەك كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر پاجىئەلىك مىسالىدۇر» دېدى.
ئۇ: «باش كاتىپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ پايتەخت كىيېۋ ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەر مەركەزلىرىگە قىلغان كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئونلارچە پۇقرانىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، پۇقرالارغا شۇنداقلا پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«باش كاتىپنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زېمىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ توقۇنۇشنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتالايمەن» دېگەن دۇجاررىك، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، گۇتېررېسنىڭ «دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش» مۇراجىئىتىنى يەتكۈزدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت كىيېۋغا قىلىنغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 12 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 40 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو بولسا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك 21-ئاۋغۇست كۈنى كىيېۋدا ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.





















