سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئوق-دورا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل پارتلاپ، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدلىبنىڭ شەرقىدىكى بىننىش رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان. پارتلاش نەتىجىسىدە ئەتراپتىكى ئىككى ئاپتوموبىل كۆيۈپ، پۈتۈنلەي ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.
تەۋسىيە
ۋەقەدىن كېيىن رايونغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلىپ، يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سۈرىيە دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان.























