تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى يەرلىك ۋە مىللىي تېخنىكىلىرى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچىنى كۈندىن-كۈنگە ئاشۇرماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەز قىلغان داڭلىق ھەربىي نەشرىيات ئورگىنى «Defense News» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ھەر يىلى تەييارلىنىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 100 مۇداپىئە شىركىتىنىڭ تىزىملىكى (Defense News Top 100) ئېلان قىلىندى. بۇ يىل تۈركىيەدىن بەش مۇداپىئە شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، ئالاقە ۋە رادار سىستېمىلىرىدىكى كۈچى بىلەن تونۇلغان ئاسەلسان (ASELSAN) ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ، 40-رەتتىن ئورۇن ئالدى ۋە تۈركىيەنىڭ تىزىملىكتىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىدىكى ۋەكىلى بولۇپ قالدى. تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) تىزىملىكنىڭ 48-رېتىگە تىزىلدى.
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن دىققەت تارتىۋاتقان ARCA مۇداپىئە شىركىتى تۇنجى قېتىم 53-ئورۇندىن تىزىملىككە كىردى. باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا تېخنىكىلىرىدا مۇھىم تۈرلەرنى يولغا قويغان روكەتسان (ROKETSAN) 64-ئورۇنغا يۈكسەلدى. ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئورگىنى (MKE) بولسا 81-ئورۇننى ئىگىلىدى. تىزىملىككە كىرگەن بۇ بەش تۈركىيە شىركىتىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئومۇمىي كىرىمى 14 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتتى.






















