تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ھېسابىدا، گرېتسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئالاھىدە بوشلۇق رامكىسى» توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
كەچەلى: «گرېتسىيە تەرىپىدىن ئەگە دېڭىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە بۈگۈن (28-ئاۋغۇست) ئېلان قىلىنغان سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئالاھىدە بوشلۇق رامكىسى، تەۋەلىكى خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بىلەن گرېتسىيەگە ئۆتكۈزۈلمىگەن جۇغراپىيەلىك شەكىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئەگە مەسىلىلىرى دائىرىسىدە دۆلىتىمىز نۇقتىسىدىن ھېچقانداق قانۇنىي نەتىجە پەيدا قىلمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بەردى.
تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى 7-دېكابىردىكى «دوستانە مۇناسىۋەتلەر ۋە ياخشى قوشناچىلىق توغرىسىدىكى ئاتىنا باياناتنامىسى» بىلەن ئۇيغۇن بىر تىل قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مەۋقەسىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن كەچەلى، ئەگە دېڭىزىنىڭ ئىككى قىرغاق دۆلىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە گرېتسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ھەمىشە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.




















