تۈركىيە ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارا دېڭىزدا جان ۋە مالنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قارا دېڭىزدا ئىككى تۈرك سودا پاراخوتىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرك تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «Lider Bordo Mavi» ناملىق پاراخوت 26-ئاۋغۇست كۈنى قارا دېڭىزدا روسىيەنىڭ تۇئاپسە نۇقتىسى ئېغىزىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
پاراخوتنى سۆرەپ چىقىش ئۈچۈن ئەتىسى رايونغا ئەۋەتىلگەن «Lider Kocatepe»ناملىق پاراخوتمۇ نىشانغا ئېلىنغان.

ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇملارغا بولغان نارازىلىقى يەتكۈزۈلدى.
كۆرۈشۈشتە تۈرك مەسئۇللار، قارا دېڭىزدا جان ۋە مالنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، زۆرۈر ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولدى.
تۈركىيە 4-ئاۋغۇست تۈرك شىركەتلىرىگە تەۋە ئىككى ئاممىۋىي پاراخوتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئوققا تۇتۇلۇشى ۋە تۈرك پۇقرالىرىدىن بەزى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىدىن كېيىن، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ قارا دېڭىزغا تېخىمۇ كۆپ كېڭەيگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.
تۈركىيە توقۇنۇش تەرەپلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قارا دېڭىزدا دېڭىز سودا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەرھال زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم چاقىرىق قىلغان ئىدى.




















