تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 30-ئاۋغۇست زەپىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەركىن زېمىنلىرىنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي ۋەتەن ئىكەنلىكىنى قايتا بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈرك مىللىتىنىڭ مۇقەددەس كۈرىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ھېسابىدا ھەمبەھىرلەندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن «باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى» دەپ تارىخقا قەيت قىلىنغان ۋە مىللىي كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىنى تەشكىل قىلغان ئۇلۇغ زەپەرنىڭ 104-يىللىقىنى ئىپتىخار ئىچىدە تەبرىكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەزىز مىللەتنىڭ، قبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلادا بايرام خۇشاللىقىنى ۋە ھاياجانىنى ئورتاقلاشقان مېھمانلارغىمۇ رەھمەتلىرىنى يەتكۈزۈپ، «30-ئاۋغۇست زەپەرى بىلەن مىڭ يىلدىن بىرى بىز ئەركىن ياشاپ كېلىۋاتقان زېمىنلىرىمىزنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي ۋەتىنىمىز ئىكەنلىكىنى قايتا بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنىمۇ ئاچقان بۇ ئۇلۇغ زەپەر، مىللىتىمىزنىڭ ئاسارەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلاش بىلەن بىرگە، جۇغراپىيەمىزگە قارىتىلغان ئىمپېرىيالىستىك قورشاۋلارنىڭ پاچاقلىنىشىغا سەۋەب بولدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بۇندىن 104 يىل بۇرۇن، ھەرخىل چارىسىزلىكلەرگە قارىماي مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن كۆرسىتىلگەن غەيرەت، جۈرئەت ۋە قەتئىيلىكنىڭ بۈگۈنمۇ ئەڭ كۈچلۈك روھىي ئوزۇق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە، شانلىق تارىخىدىن ئالغان ئىلھام ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئېنېرگىيەدىن مۇداپىئە سانائىتىگىچە، پەن-تېخنىكىدىن تاشقى سىياسەتكىچە ھەر ساھەدە يازغان مۇۋەپپەقىيەت داستانلىرى ئارقىلىق نىشانلىرىغا قاراپ ئىشەنچلىك قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. باشتا رايونىمىز بولۇپ، دۇنيادا ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار، كرىزىسلار ۋە سىياسىي ئېنىقسىزلىقلار كۆپىيىۋاتقان بىر دەۋردە تۈركىيە، پرىنسىپلىق، ئىرادىلىك ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى مەركەز قىلغان تەشەببۇسكار سىياسەتلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئىپادە قىلىشنى خالايمەنكى، بۈگۈن زۇلۇم كىمدىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر توسالغۇ بولۇشقا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىگە چىقىشقا تىرىشىدىغان، بۇ يولدا زۆرۈر بولسا، بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدىغان بىر تۈركىيە بار. ئۈسىمىزدە كۆك ئاسمان ئۆرۈلمىگۈچە، ئاستىمىزدا يەر يېرىلمىگۈچە‘ تۈركىيەنى ۋە تۈرك مىللىتىنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ»

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران گۇمران بولۇۋاتقان بىر دۆلەت»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە تەييارمىز
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
ئامېرىكا مېكسىكاغا «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فېنتانىل» بىلەن كۈرەش قىلىش چاقىرىقى قىلدى
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن  قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىراق: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار 30-سېنتەبىرگىچە تولۇق چېكىنىدۇ