شەنبە (2026-يىلى 29-ئاۋغۇست) كۈنى نېپالدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 623 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە 2300 دىن ئارتۇق كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارغا قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئۈچۈن مىڭلىغان ساقچى ئەۋەتىلگەن.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن جەسەتلەرنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.
نېپال ساقچىلىرى جەمئىي 616 جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەلىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە چىتۋان (Chitwan) دا 233، شەرقىي ناۋالپاراسى (Nawalparasi East) دا 158 جەسەت تېپىلغان بولۇپ، بۇ جايلار ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە يەنە ھىمالايا تېغىدىن باشلىنىدىغان بوتېكوشى (Bhotekoshi) ۋە ترىشۇلى (Trishuli) دەريالىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان گوركا (Gorkha)، دادىڭ (Dhading) ۋە نۇۋاكوت (Nuwakot) رايونلىرىدىن تېپىلغان ئونلىغان جەسەتلەرمۇ بار. ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا بويىدىكى يىراق جايلاردىمۇ جەسەتلەر تېپىلغان.
نېپال تەرەپتە ئاز دېگەندە 638 كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 511 نەپىرى چەت ئەللىك.
تەۋسىيە
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا يەتتە كىشى ئۆلگەن، 554 كىشى يوقاپ كەتكەن.
نېپال دائىرىلىرى 2301 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ياكى يارىدارلارنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ھايات قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نۇۋاكوت ۋە راسۇۋا (Rasuwa) رايونلىرىدا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
ساقچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 27 ساقچى خادىمى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا 4811 نەپەر خادىم قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nepal urges Meta, TikTok to remove AI-generated flood videos




















